ئى

ماقال-تەمسىللەر (ئى)

  • ئىت كاللىسى تەخسىدە توختىماس.
  • ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قويرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
  • ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس.
  • ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.
  • ئىتنىڭ ئىگىسى بولسا، بۆرىنىڭ خۇداسى بار.
  • <داۋامى بار…“ماقال-تەمسىللەر (ئى)”>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېىسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئىقبال تۇرسۇن 1969- يىلى 8- سېنتەبىر قەشقەر شەھىرىدە خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ – تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بۆرتالا ۋە قەشقەردە ئوقۇغان. 1986- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا تولۇق كۇرس ئوقۇشىقا قۇبۇل قىلىنغان. 1991– يىلدىن 1994- يىلغا قەدەر شۇمەكتەپنىڭ تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملىغان، شۇ يىلى 7– ئايدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.ئىقبال تۇرسۇن خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلارغا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» <داۋامى بار…“ئىقبال تۇرسۇن”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئىسلامجان شېرىپ

ئىسلامجان شېرىپ

ئالىم، تۆھپىكار تەرجىمان، زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇر نەشىرىياتچىسى، ناتىق ئىسلامجان شېرىپ 1947-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، بەشكېرەم، ئاۋات يېزا ۋە قەشقەر شەھىرىدە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىغان. 1976-يىلى ج ك پ گە كىرگەن. ئۇ «ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە، ئىدىيە تارىخى جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، «قۇداغۇبىلىك» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «ئون ئىككى مۇقام» تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاش كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ئۇ 1967-يىلى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى، 1985-يىلى ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. <داۋامى بار…“ئىسلامجان شېرىپ”>

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!