تۇرغۇن ئالماس – 1924- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ 1934- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە، بۇلاقسۇ رايونى ئۆركەش يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن قەشقەر كونىشەھەردىكى نۇربېشى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1939- يىلى 9- ئايدىن 1942- يىلى 8- ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئۆلكىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە، 1956- يىلى 6- ئايدىن 1957- يىلى 6- ئايغىچە، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدى.
دەسلەپكى ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى
تۇرغۇن ئالماس 40- يىللاردىن باشلاپلا رۇس، فرانسۇز، ئىنگلىز كلاسسىك يازغۇچىلىرى ۋە سوۋېت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتىمۇ ئاشۇ يىللاردا باشلانغان. << داۋامى بار … “تۇرغۇن ئالماس”