ي

ماقال-تەمسىللەر (ي)

  • يا سايرامدىن چىقار، يا قاينامدىن چىقار.
  • يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە يوق.
  • ياپسام تۇتارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ.
  • ياتار قورساق – كېتەر قورساق.
  • ياتنىڭ ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جاندىن ئۆتەر.
  • <داۋامى بار…“ماقال-تەمسىللەر (ي)”>
 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز تۈكلۈك قىسمى

<بوتانىكا> يىلتىز تۈكچىلىرى ئۆسۈپ چىقىدىغان قىسمى. ئۇ ئۇزارغۇچى قىسمىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بىر سانتىمېتىردىن بىر قانچە سانتىمېتىرغىچە ئارىلىقتىكى ئورۇنغا جايلاشقان، ئادەتتە ئۇ سۇ ۋە ئانئورگانىڭ تۇزلارنى سۈمۈرىدىغان مۇھىم قىسىم ھېسابلىنىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىسى

<بوتانىكا> باكتېرىيىنىڭ بىر خىلى. پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز قىسمىدا يىلتىز تۈگۈنچىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئازوتلۇق بىرىكمىلەرنى سىنتېزلاپ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنى ئۇرۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز تۈگۈنچىسى

<بوتانىكا> پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز قىسمىدا ئۆسىدىغان شار شەكىللىك كىچىك تۈگۈنچە، يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىسىنىڭ يىلتىز قىسمىغا كىرىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز تىكىش

<بوتانىكا> بەزى ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا ئۆسۈملۈك يىلتىزى بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ يەرگە كۆمۈلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بىر قانچە مۇستەقىل ئۆسۈملۈك تېنى ئۆستۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، مامكاپنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن كۆپەيتىشكە بولىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز سان

<ماتېماتىكا> يىلتىز چىقىرىش ئەمىلىدىكى يىلتىزى تېپىلىدىغان سان. مەسىلەن، تۆۋەندىكى يىلتىزلىق ئىپادىدىكى (a+b) يىلتىز سان بولىدۇ.

∜(a+b)

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز سىرتىدىن ئوغۇتلاش

<دېھقانچىلىق> ئوغۇتلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا سۇيۇق ياكى پاراشوك ھالەتتىكى ئوغۇت ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقىغا پۈركىلىپ، ئۆسۈملۈكنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئۆسۈملۈكنىڭ ئاخىرقى ئۆسۈش مەزگىللىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز سىستېمىسى

<بوتانىكا> غول يىلتىز ۋە بارلىق يان يىلتىزلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئادەتتە ئۇ ئوق يىلتىز سىستېمىسى ۋە چاچما يىلتىز سىستېمىسى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!