ئىسلامجان شېرىپ

ئىسلامجان شېرىپ

ئالىم، تۆھپىكار تەرجىمان، زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇر نەشىرىياتچىسى، ناتىق ئىسلامجان شېرىپ 1947-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، بەشكېرەم، ئاۋات يېزا ۋە قەشقەر شەھىرىدە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىغان. 1976-يىلى ج ك پ گە كىرگەن. ئۇ «ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە، ئىدىيە تارىخى جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، «قۇداغۇبىلىك» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «ئون ئىككى مۇقام» تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاش كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ئۇ 1967-يىلى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى، 1985-يىلى ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يەكەن ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرىدە نەشىرىيات-ئاخبارات كادىرى، نەزەرىيە تەتقىقات بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پەلسەپە -ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى. تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە كەسپىي، مەمۇرىي خادىم، «ش، ئۇ، ئا، ر» ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى مەمۇرىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 33 يىللىق خىزمەت تارىخىدا تىنىمسىز ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق «ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» نى ياخشىلاپ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارغا زېمىن تەييارلاش جەھەتتە ئەھمىيەتلىك قەدەملەرنى بېسىپ، جامائەتنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، مەخسۇس ئىلمىي ئەسەرلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرى، پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات ساھەلىرىدىكى نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىقمۇ جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئىسلامجان شېرىپ قەشقەردىكى ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت، تارىخ تەتقىقاتى بىلەن ئۆز ئىجادىيتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە ئىجادىيىتىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

تەرجىمە جەھەتتە: ئۆزنىڭ «چەت ئەل ھەققىدە ھېكايىلار» (ئۈچ قىسىم)، «دۇنيانىڭ بەش مىڭ يىلى» (ئۈچ توم)، «جاڭ چىيەن ھەققىدە ھېكايىلار»، «بىلىش ۋە ھەقىقەت»، «ئىختىراچىلىق بوسۇغىسى»، «يىلتىز»، «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى». . . قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى (خەنزۇچە خەت ھېسابىدا جەمئىي تۆت مىليون خەت) ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يول ئېچىپ مېڭىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولغان بىلىم مەنبەلىرىنى تونۇشتۇرغان، ھەر قېتىملىق ژۇرنالدىكى ئەسەرلەرنىڭ مۇندەرىجىىسنى ئۆزى بىۋاستە خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە: 2000-يىلى كۈزگىچە 40 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان)؛ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېڭى پەنلەرنىڭ ئېچىلىشىغا دادىللىق بىلەن قەدەم تاشلاپ «تالانتشۇناسلىق»، «ئەقىل ۋە پەزىلەت»، «ئادەم ۋە ئىقتىدار»، «كىرزىس ۋە بەرپاچىلىق»، «تالانت بوسۇغىسى»، «ياشاش سەنئىتى». . . قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. 2004-يىلى ئىسلامجان شېرىپ ئاكا ئۆزىنىڭ تالانتشۇناسلىق، پەلسەپەگە ئائىت يەتتە توملۇق كىتابىنى نەشرگە تاپشۇردى، مۇئەللىپنىڭ ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن يېڭى بولۇپلا قالماستىن تىل جەھەتتىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئەسەرلەر تىلىدا «ئەردەم»، «ئۆگلۈك» دېگەندەك قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرى كەڭ ئۇچرايدۇ.

لېكسىيە ۋە دەرس مۇنبىرىدە: ش، ئۇ، ئا، ر مەتبەئە تېخنىكا مەكتىپى، بورتالا، خوتەن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى، ش، ئۇ، ئا، ر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق يەرلەردە لېكسىيە سۆزلىگەن.

ئىجتىمائىي تەشكىلاتچىلىق جەھەتتە: قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنى ئەڭ دەسلىپىدە ئىسلامجان شېرىپ ج ك پ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىنپلىرىنى ئىجارە ئېلىپ باسما ماشىنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ باسما ماتېرىيال باسىدىغان باسماخانا ھالىتىگە كەلتۈرۈشتىن، بېيجىڭغا بېرىپ نەشرىيات قىلىپ تەستىقلىشىش ئىشىغىچە باشتىن ئاخىرى كۈچىگەن. 2005-يىلى 10-ئايدا قەشقەردە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىينىڭ تەۋەللۇدىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نى ئېچىشىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىرىنىڭ بىرى.

ئىسلامجان شېرىپنىڭ «ئادەم ۋە ئىقتىدار»، «تالانت بوسۇغىسى» دېگەن ئەسەرلىرى ش، ئۇ، ئا، ر خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۆزى 1998-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ئالاھىدە تۆھپىسى بار مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يۇقىرىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە «كىتاب مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا، ئۇيغۇرچە «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ژۇرنىلىدا، ۋە باشقا گېزىت -ژۇرناللاردا خەنزۇچە «جۇڭگو نەشرىياتچىلىرى»، «جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى»، «جۇڭخۇا ئەربابلىرى». . . قاتارلىق لۇغەت ھەم ئوكيانۇسلاردىن ئورۇن ئېلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىدىلا تونۇلغان مۇتەخەسسىس بولۇپلا قالماي، «دۇنياۋى مەدەنىيەت ئەربابلىرى» دېگەن ئوكيانۇستا دۇنياۋى شەخسلەر قاتارىدا تونۇشتۇرۇلۇپ، دۇنياۋى ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ شەرەپلەر ئالدىدا ھەر قانداق قانائەتلىنىش ۋە بوشىشىپ قېلىشلاردىن خالىي ھالدا ئىزدىنىۋاتقان ساھەسىگە داۋاملىق چوڭقۇرلاپ، ئۆزنىڭ نەشردىن چىققان يىرىك ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرى «ياشاش سەنئىتى» گە ئۇلاپ، ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتىكى ھالقىلىق تېمىلاردىن ئائىلە ھەم خوتۇن-قىزلار ساھەسى بويىچە يېڭى كىتابىنى يازماقتا. بۇ تەتقىقاتچىمىز ئۆزنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى ئارقىلىق ش، ئۇ، ئا، ر بويىچە ئۆزگىچە بىلىم ساھەسىنى ئاچقان ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئىسلامجان شېرىپ ئاكا گەرچە 2005-يىلى ئىككىنچى سەپكە چېكىنگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم يېزىقچىلىق، تەتقىقات ئىشلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. «ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكىلەر مۇنبىرى» ناملىق ژۇرنالنىڭ تەھررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە ياش تەھررىرلەردىن مەرۇپ مۇھەممەدئەمىن، ھەزرەت ئېلى ئۆز باشنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈۋاتىدۇ. 2006-يىلى 5-ئايدا ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ۋە قەشقەردىكى مەمۇرلار، زىيالىيلار قەشقەردە «ئالىم، تۆھپىكار تەرجىمان ئىسلامجان شېرىپ ئاكىنىڭ ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىشنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *