يىلتىز كۇلىسى

<بوتانىكا> قىرىققۇلاق خىلىدىكى بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاساسىي غولىنىڭ ئالاھىدە بىر تارماق شېخى. ئادەتتە يوپۇرماق بولمايدۇ. بۇ شاخنىڭ چوققىسىدىن تۇراقسىز يىلتىزلار ئۆسۈپ چىقىپ، پەسكە قاراپ ئۆسۈپ، تۇپراققا كىرىدۇ. ئۇ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ۋە غولنى تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز كۆچۈرۈش

<دېھقانچىلىق> بەزى ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا، ئۆسۈملۈك يىلتىزى بىر نەچچە پارچە كېسىلىپ، تۇپراققا كۆمۈلگەندىن كېيىن، ھەربىرى مۇستەقىل بىر تۈپ بولۇپ يېتىلىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز كۆرسەتكۈچ

<ماتېماتىكا> يىلتىزلىق ئىپادىدىكى يىلتىز بەلگىسىنىڭ سول تەرەپ يۇقىرى بۇرجىكىگە يېزىلىدىغان سان. مەسىلەن، تۆۋەندىكى يىلتىزلىق ئىپادىدىكى 4 رەقىمى يىلتىز كۆرسەتكۈچتۇر.

∜(a+b)

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز ئۇچى

<بوتانىكا> يىلتىزنىڭ ئەڭ ئالدى تەرىپىدىكى تەخمىنەن بىر سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىسمى. يىلتىز غىلىپى، ئۆسۈش نۇقتىسى، ئۇزىراپ (ئۇزىرىپ) ئۆسكۈچى قىسمى ۋە يېتىلگەن قىسمىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ. يىلتىز ئادەتتە يىلتىز ئۇچىغا تايىنىپ ئۆسىدۇ ۋە سۇ سۈمۈرىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىز ئۇلاق

<ئورمانچىلىق> بىر خىل ئۇلاق شەكلى، يەنى دەرەخ يىلتىزىنى ئۇلاق تۈۋى قىلىپ ئۇلاش ئۇسۇلى. بۇنىڭدا، كۆچەت يىلتىزى 8-6 مىللىمېتىر يېرىلىپ ئىسكىنە ئۇلاق قىلىنىپ، كۆچەتخانىغا تىكىلىپ كۆچەت يېتىشتۈرۈلىدۇ. يىلتىز ئىنچىكە بولسا، ئۇلاق تۈۋى يېرىلىپ، قىپچا سانجىلىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىزى چىڭىماق

ئورنى مۇستەھكەملەنمەك، مەزمۇت، مىدىرلىماس بولۇپ ئورۇنلاشماق، مەزمۇت ئورۇنلىشىپ كەتمەك: دېمىسىمۇ، شۇنداق مۇددىئايىمىز يوق ئەمەس، لېكىن ئاغىچىنىڭ يىلتىزى چىڭىپ، قورسىقى دومبىيىپ قالغۇچە كەشىسىنى توغرىلىمىساق، كېيىنچە قۇتۇلغىلى بولماي قالىدۇ ئەمەسمۇ؟

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىزىدىن قۇرۇتماق

← يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىماق: كۈنچىقىشتىن كۈن چىقتى، يۇرتىمىزنى يورۇتتى. بىزنى ئەزگەن زالىمنى، يىلتىزىدىن قۇرۇتتى .

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

يىلتىزىغا پالتا چاپماق

قاتتىق زەربە بەرمەك، ھالاكەتكە يۈزلەندۈرمەك:-خەلقىمىز بىر كۈنى بولمىسا بىركۈنى كۆتۈرۈلۈپ، جاھالەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپماي قويمايدۇ،-دېدى پەرھات گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!