«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەبجەت

ئىسىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ئەرەب ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن ۋە ھەر قايسى ھەرپنىڭ سان قىممىتىنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن ئويلاپ چىقىرىلغان سەككىز سۆزنىڭ بىرىنچىسى. بۇ سەككىز سۆز «ئەبجەت، ھەۋۋەز، ھۇتتىي، كەلەمەن، سەئۇفەس، قەرەشەت، سەخخەز، زەزەغ» لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئەبجەق

سۈپەت. ئىشتىن، كاردىن چىققان، كېرەكسىز، بۇزۇلغان: ئەبجەق ھارۋا. ئىدارىنىڭ ئەبجەق ۋېلىسىپىتى بىلەن يول يۈرۈش ماڭا پىيادە ماڭغاندىنمۇ ئېغىر ئىدى.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئەبگار

سۈپەت [پارسچە] ①ھال ئەھۋالى ناچار، يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان؛ خاراب: بۇ جاراھەتلەر ئۇنى تولىمۇ كۆرۈمسىز، ئەبگار كۆرسىتىپ تۇراتتى. ②ئورۇق، زەئىپ، جۈدەڭگۈ؛ ئاجىز: ئەتىياز كۈنى تاغدىن ھەيدەپ كېلىنگەن قويلارنىڭ ھەممىسى ئەبگار ئىكەن.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!

ئەبگارلاشماق

پېئىل ①ھال-ئەھۋالى ناچارلاشماق، تۇرمۇشى يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق؛ كەمبەغەللەشمەك، نامراتلاشماق: ئۇ يىلدىن-يىلغا ئەبگارلىشىپ كەتتى. ②جۈدەپ، ئورۇقلاپ زەئىپلىشىپ كەتمەك، ئاجىزلىماق: بۇ يىل ئەتىياز ماللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەبگارلىشىپ كەتتى.

 پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ!