تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس

تۇرغۇن ئالماس – 1924- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئۇ 1934- يىلىدىن 1939- يىلىغىچە، بۇلاقسۇ رايونى ئۆركەش يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن قەشقەر كونىشەھەردىكى نۇربېشى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1939- يىلى 9- ئايدىن 1942- يىلى 8- ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئۆلكىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە، 1956- يىلى 6- ئايدىن 1957- يىلى 6- ئايغىچە، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدى.


دەسلەپكى ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى
تۇرغۇن ئالماس 40- يىللاردىن باشلاپلا رۇس، فرانسۇز، ئىنگلىز كلاسسىك يازغۇچىلىرى ۋە سوۋېت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتىمۇ ئاشۇ يىللاردا باشلانغان. تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى شېئىرىيەتتىن باشلانغان بولۇپ، 1941- يىلى ئېلان قىلغان «قايتمايمىز» ناملىق شېئىرى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ تۇنجى مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. تۇرغۇن ئالماس 1942- يىلى 8- ئايدا، سابىق ئۆلكىلىك پىداگوگېكا مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قاراشەھەر ناھىيىسىنىڭ دەنزىل يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر بولدى. 1943- يىلى گومىنداڭچىلارنىڭ ھەقىقەتكە قارشى تۆھمەت بىلەن تولۇپ-تاشقان «نۇتۇق» لىرىغا قارشى چىققانلىقى ۋە ياشلار ئارىسىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ فاشىستىك دىكتاتۇرىسىغا قارشى دادىل تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

بۇ بىر مەزگىللىك تۈرمە ھاياتىدا ئۇ «تۇتقۇن»، «غېرىب موماي»، «جەمىلە»، «ئازادلىق مەشئىلى»، «ئىككى تامچە ياش»، «چوپان» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئازادلىققا بولغان تەشنالىقىنى ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئازادلىق تېڭىنىڭ ئاتىدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى. تۇرغۇن ئالماس 1946- يىلنىڭ بېشىدا قاماقتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، ئۆز يۇرتى قەشقەرگە پىيادە يېتىپ بېرىپ، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىرباشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىقىغا مىڭبىر مۇشەققەتتە ئېرىشكەن. شائىر بۇ مەزگىلدە «تەنلىرىم ياپراق»، «ياشلىقىم»، «ئانا تۇپراق ئۈچۈن» قاتارلىق يالقۇنلۇق ئىنقىلابىي شېئىرلارنى يېزىپ، خەلق ئاممىسىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشىي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئۇنىڭ «تەنلىرىم ياپراق» ناملىق شېئىرى خەلق ئارىسىدا ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارالدى.

1946- يىىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى، «11 ماددىلىق بىتىم» (گومىنداڭ دائىرىلىرى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بىتىم) ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقى (ئاساسەن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەت خەلقى) نىڭ ھاياتىدا قىسقا مۇددەت ئۆمۈر سۈرگەن دېموكراتىيە، تىنچلىق مەزگىلى باشلاندى. تۇرغۇن ئالماس بۇ ۋاقىتتا قەشقەردىكى ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا مۇدىر، قوشۇمچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ تەرتىپ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى. بۇ مەزگىلدە شائىر ئۆزىنىڭ «ئۈمىدلىك خىيال»، «جەنۇب ساداسى»، «مۇڭلىرىم» قاتارلىق شېئىرلىرى ئارقىلىق خەلقنى گومىنداڭ فاشىستلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىردى.

1947- يىلى 5- ئايدا، ئەخماتجان قاسىمى، جاڭ جىجۇڭلار جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەندە، تۇرغۇن ئالماس ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان خەلق ۋەكىللىرى تەركىبىدە جاڭ جىجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ھەققانىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا ئاق تېررورلۇق يەنە ئەۋج ئالدى. مانا شۇنداق خەتەرلىك پەيتتە شائىر «ساتقۇنغا ئۆلۈم» ناملىق جەڭگىۋار شېئىرىنى يېزىپ، جياڭ كەيشىنى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي غالچىلىرىنى ئاشكارا دۇمبالىدى.

گومىنداڭ دائىرىلىرى 1947- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى كېچىسى، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى قورشاپ، تۇرغان ئالماسنى تۇتقۇن قىلىپ، سابىق گومىنداڭ 42- جۈنىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى ھەربىي قاماقخانىسىغا قامىدى. گومىنداڭ سوراقچىلىرى شائىرنى قاتتىق قىيىن- قىستاققا ئېلىپ، ۋەھشىيلەرچە قىيناپ بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قىلچە تىز پۈكتۈرەلمىدى. ئۇ سولاقتا ياتقان چاغلىرىدىمۇ «گۈزىلىم» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىقى بىلەن سۇنماس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىگە يۈزلىنىشى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى نەتىجىسىدە، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى 1949- يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى شائىرنى قاماقتىن بۇشىتىشقا مەجبۇر بۇلدى. تۇرغۇن ئالماس شۇيىلى 8- ئايدا غۇلجىغا كېلىپ تاكى ئازادلىققىچە «ئالغا» گېزىتىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىدى.

تۇرغۇن ئالماس
تۇرغۇن ئالماس

1950- يىلىدىن كىيىنكى ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى
ئازادلىقتىن كېيىن، 1950- يىلىدىن 1953- يىلى 7- ئايغىچە، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە مەسئۇل خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1953- يىلى 7- ئايدىن 1990- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە تەھرىرلىك، تەرجىمانلىق ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلدى.

تۇرغۇن ئالماس
تۇرغۇن ئالماس ۋە زىيا سەمەدى ئەپەندىلەر (ئالدىنقى رەت سولدىن ئوڭغا). 1955-يىلى بېيجىڭ.

تۇرغۇن ئالماس ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بۇيان، ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازغاندىن تاشقىرى، ئۇيغۇرئەدەبىياتى تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازدى. تۇرغۇن ئالماسنىڭ «تارىم شاماللىرى»، «تاڭ سەھەر» ناملىق شېئىرتوپلاملىرى، «قىزىل بايراق» پوۋېستى، «پىچاق» درامىسى نەشرقىلىندى. ھەمدە «قىزىل بايراق» ناملىق پوۋىستى 1955- يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن تاشقىرى خىتاي، ئىنگلىز، رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. «پىچاق» درامىسى «جۇڭگو شىجۈي» نەشرىياتىدا 1958- يىلى خەنزۇچە ئايرىم كىتاب بولۇپ نەشر قىلىندى.

تۇرغۇن ئالماس ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەتقىقاتىغا دائىر 40 پارچە ئىلمىي ماقالە يازدى، بۇ ماقالىلەر «تارىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇزنىلى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «مىللىي يازغۇچىلار» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. تۇرغۇن ئالماس خەنزۇ تىل- يېزىقىنى مۇكەممەل بىلگەندىن تاشقىرى، رۇس، تۈرك تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.

تۇرغۇن ئالماس ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئوڭدىن سولغا: ئوسمانجان ساۋۇت، دولقۇن ياسىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، تۇردى سامساق

تۇرغۇن ئالماس ھاياتىدا باش تەتقىقاتچى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەرئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، «قۇتادغۇبىلىگ» ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەردە بولغان.


تارىخ تەتقىقاتلىرى

تۇرغۇن ئالماس 1980- يىلىدىن باشلاپ «ھونلارنىڭ قىسقىچەتارىخى»، «ئۇيغۇرلار»، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى»، «تۈركلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇرئەدەبىياتى» قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇنىڭ «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرى گېرمانىيىنىڭ ھامبورگ شەھىرىدە نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان بولسا، «قەدىمكى ئۇيغۇرئەدەبىياتى» ناملىق ئەسىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىىلنىپ نەشر قىلىندى.

تۇرغۇن ئالماس
تۇرغۇن ئالماس

ھاياتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك قىسمىنى جاپالىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بۇ پېشقەدەم تارىخچى ۋە شائىر 2001- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 77 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.

مەنبە: تۇرغۇن ئالماس، «ئۇيغۇرلار»، 1989، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى

UYGUR.COM

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *