ئۈرۈمچى شەھىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئۈرۈمچى شەھىرى

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ürümchi

ئىنگلىزچە ئىسمى: Urumqi City

خەنزۇچە ئىسمى: 乌鲁木齐市

ياشايدىغان ئاساسلىق مىللەت: ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق …

ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىل: ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە

شەھەر رايونى ۋە ناھىيە سانى: 8

نوپۇسى: 3,500,000

يەر مەيدانى (km2): 14,577

ۋاقىت رايۇنى: UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)

تېلېفون رايون نومۇرى: 991(0)86+

ماشىنا تاختا نومۇرى: 新A


ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزىي شەھىرى، پۈتۈن شەھەر يەتتە شەھەر رايونى ۋە بىر ناھىيىدىن تەركىپ تاپقان، ئومۇمىي يەر مەيدانى 14,577 كۇۋادىرات كېلومېتىر، 2020– يىلى يىل ئاخىرىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 4 مىليون كىشى بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قارزاق، خۈيزۇ، شىبە قاتارلىق 52 مىللەت ئولتۇراقلاشقان.

ئۈرۈمچى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن كەڭ زىمىنلارنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان. ئۈرۈمچى دۇنيا بويىچە دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ دېڭىز ياقىسى بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 2 مىڭ 250 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيىلىك مەركىزى ھېساپلىنىدىغان ئۈرۈمچى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۇپرىقى مۇنبەت، سۇلىرى ئەلۋەك بىر ماكان. «ئۈرۈمچى» ئىسمى ئۇيغۇرچە ئۆرۈمىچى، توقۇمىچى دېگەن مەنىدە، موڭغۇلچە گۈزەل يايلاق دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى

قەدىمىي ئۈرۈمچى دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاقىدىغان بولۇپ، شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەرنىڭ شەرقىدە دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 400 مېتىر ئېگىز بولغان بوغدا چوققىسى، جەنۇبىدا بولسا ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ تىزمىلىرى، غەربىدە بولسا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان يامالىق تېغى، شەھەر ئىچىدە بولسا كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان قىزىلتاغ بار بولۇپ، بۇلار ئۈرۈمچىنى ئالاھىدە گۈزەل بىر جايغا ئايلاندۇرغان.

ئۈرۈمچى ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى گىرۋىكىگە جايلاشقان. شەرقى قىسىمى تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، غەربى تۇدۇڭخابا ۋە سانجى شەھىرى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، غەربى جەنۇبى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، شىمالىدىكى بوغدا تېغى بىلەن جىمىسار ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن چىگرىلىنىدۇ. شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86°37’33-88°58’24 قا جايلاشقان، شىمالىي كەڭلىك 42°45’32-45°00’00 كە جايلاشقان.

ئۈرۈمچىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنىڭ ئېگىز – پەسلىك پەرقى چوڭ، تاغلىق يەر كۆلىمى كەڭ. جەنۇبى قىسمى، شەرقىي شىمالىي قىسىمى ئېگىز، ئوتتۇرا قىسمى، شىمالىي پەس. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بوغدا چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5445 مېتىر، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى مېڭجىن سۇ ئامبىرى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 491 مېتىر كېلىدۇ. ئىككى جايدىكى گورىزونتال ئارىلىق 75 كىلومېتىر بولۇپ، ئېگىزلىك پەرقى 4954 مېتىر كېلىدۇ. تاغلىق يەر كۆلىمى ئىگىلىگەن ئومۇمىي كۆلەمنىڭ % 50 تىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ، شىمالى تىنما تۈزلەڭلىك ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئوندىن بىرىگە يەتمەيدۇ، شەھەر رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 800 مېتىر.

ئۈرۈمچى دۇنيادىكى ئوكيان بىلەن بولغان ئارلىقى ئەڭ يىراق شەھەر بولۇپ، ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك قۇرغاق كىلىماتقا تەۋە، ئەڭ ئىسسىق ۋاقتى 7-، 8- ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25.7 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ سوغۇق مەزگىلى بولسا بىرىنچى ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 15.2- سېلسىيە گرادۇس. ئۈرۈمچىنىڭ كۈز پەسلى ھەر يىلى 24– ئاۋغۇست باشلىنىدۇ، شىمالى تۈزلەڭلىكىدە 10 كۈن كېچىكىپ كېلىدۇ، كۈز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا مۇھىتى بىر قەدەر مۇقىم، ھاۋا سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس، ناھايىتى يېقىشلىق. 9- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن كېيىن، سوغۇق ھاۋا كەينى- كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، تېمپىراتۇراىنىڭ تۆۋەنلىشى تېز بولىدۇ.

10- ئايدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى چوڭىيىپ كېتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا قىش، ھەر يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن ئىككىنچى يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە 150 كۈن داۋاملىشىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈچ تەرەپتىن تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، شىمالىدا خۇددى جۇڭغار ئويمانلىقىىغا قاراپ تۇرغان كاناي ئېغىزى، تەڭرىتاغ توسىقى بولغاچقا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھەمىشە ئويمانلىقى ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ.

جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى تاغ ئالدى ئېدىرلىق بولمىسىمۇ بىراق بىر «مۆتىدىل بەلباغ» باردەك، 1- ئايدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شەھەر رايونىدىن 4، 5 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىچە قىش پەسىللىك كىلىمات شارائىتى، پارنىكتا كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا قار 175 كۈن داۋاملىشىدۇ.

ئىزاھات:
تۇدۇڭخابا رايونى ئۈچ دەريا رايونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، داۋانچىڭ رايونى داۋان رايونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بىر قىسىم كوچىلارنىڭ ئەسلى ئىسمى:
ئېقىندالا، شامالباغ، تاشبۇلاق، شاپتۇللۇق قاتارلىقلار.

تۆۋەندە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى ئاتىلىشى بېرىلدى:
بەنفاڭگۇ- ئېقىندالا
خىي جىياسەن- تاشبۇلاق
جيۇ جىياۋەن- شاپتۇللۇق
نىيەن زىگوۋ- خۇمدانلىق
ۋۇ جىيا چۈ- ئوتۇنكوزا
با جىيا خۇ- سەككىزتۈتۈن
دوڭ باجىياخۇ- سېغىزدۆڭ
يەن ئەنلۇ- شامالباغ
داۋەن- داۋان
نەنمېن- ئاققوۋۇق
ماشىخاڭزا- مال بازىرى
بېيمېن- تۆگەدەڭ
خېي شەنتو- يىقىلغان تاش
سەن شىخاڭزا- بۇلاقبېشى
خې تەنلۇ- ساي يولى
سەن دۇڭبېي- ئۈچتاش
خۇا ئەرگو- گۈلساي
بەي ياڭگو- تېرەكساي
جى جىسوزا- چىغدەن
يەنئەرۋو- قارلىغاچلىق
شۈي موگو- بۇلاقتاغ
جۈخۇا تەي- گۈلتەكچە

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *