يالقۇن روزى

يالقۇن روزى

يالقۇن روزى 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل تاغلىق يېزىسى ئاغۇدا توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى 1973-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە ئاغۇ يېزىسىدا ئوقۇغان. 1980-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.

1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، مۇخبىرلىق قىلغان. 1991-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2005-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى دەرسلىك بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ.

يالقۇن روزى ئەدەبىيات ئوبزورچىلىقى، پۇبلىستىك ماقالە، جەدىدىزىم تەتقىقاتى، نۇتۇق لىكسىيە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى تۈزۈش ۋە نەشرىياتچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجە-ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، «مەمتىلى ئەپەندى» (مېرزا سىيىت بىلەن بىللە)، تۇرمۇشتىكى پەلسەپە (تەرجىمە ئەسەر)، ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى (ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى توپلىمى)، لاي قەلئەنىڭ سىرى (ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى توپلىمى) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان ۋە نۇرغۇنلىغان ماقالە – ئوبزورلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.

يالقۇن روزى تەنقىدىي روھقا باي ئوبزورچى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك پۇبلىست، ئىزدىنىش روھىغا باي تەتقىقاتچى، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ناتىق سۈپىتىدە بىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت-مائارىپ، رادىئو-تېلېۋىزىيە ساھەلىرىىزدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۇتۇق قازانغان، بۇرچىنى بىلىپ ياشاۋاتقان بىر زىيالىنىڭ رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.


ئۇيغۇر كۈتۈپخانىسىدىكى يالقۇن روزى ئەسەرلىرى توپلىمى:


يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى، قۇربان مامۇت ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىن
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى ئائىلىسى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى
يالقۇن روزى

UYGUR.COM

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *